ئايەت :
43
وَمِنۡهُم مَّن يَنظُرُ إِلَيۡكَۚ أَفَأَنتَ تَهۡدِي ٱلۡعُمۡيَ وَلَوۡ كَانُواْ لَا يُبۡصِرُونَ
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار (يەنى پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرىنى بايقايدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار بايقىغانلىرىدىن پايدىلانمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كوردۇر). سەن كورلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟ ئۇلار (ھەقىقەتنى) كۆرمەيدىغان تۇرسا[43].
ئايەت :
44
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَظۡلِمُ ٱلنَّاسَ شَيۡـٔٗا وَلَٰكِنَّ ٱلنَّاسَ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار (كۇفرى ۋە گۇناھ ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ[44].
ئايەت :
45
وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ كَأَن لَّمۡ يَلۡبَثُوٓاْ إِلَّا سَاعَةٗ مِّنَ ٱلنَّهَارِ يَتَعَارَفُونَ بَيۡنَهُمۡۚ قَدۡ خَسِرَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِلِقَآءِ ٱللَّهِ وَمَا كَانُواْ مُهۡتَدِينَ
قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى[45].
ئايەت :
46
وَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعۡضَ ٱلَّذِي نَعِدُهُمۡ أَوۡ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيۡنَا مَرۡجِعُهُمۡ ثُمَّ ٱللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا يَفۡعَلُونَ
ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتىمىز (يەنى بۇ دۇنيادىلا، سەن ھايات ۋاقىتتىلا كۆرسىتىمىز)، ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى قەبزى روھ قىلىمىز، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ (مەيلى بالدۇر بولسۇن، مەيلى كېيىن بولسۇن، ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز)، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ[46].
ئايەت :
47
وَلِكُلِّ أُمَّةٖ رَّسُولٞۖ فَإِذَا جَآءَ رَسُولُهُمۡ قُضِيَ بَيۡنَهُم بِٱلۡقِسۡطِ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
(ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ) ھەر بىرىگە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[47].
ئايەت :
48
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار (بىزگە ئېيتىپ بېرىڭلاركى) بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ[48].
ئايەت :
49
قُل لَّآ أَمۡلِكُ لِنَفۡسِي ضَرّٗا وَلَا نَفۡعًا إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۗ لِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌۚ إِذَا جَآءَ أَجَلُهُمۡ فَلَا يَسۡتَـٔۡخِرُونَ سَاعَةٗ وَلَا يَسۡتَقۡدِمُونَ
ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»[49].
ئايەت :
50
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُهُۥ بَيَٰتًا أَوۡ نَهَارٗا مَّاذَا يَسۡتَعۡجِلُ مِنۡهُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ
ئېيتقىنكى: «ئېيتىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى ياكى كۈندۈزى كەلسە (بۇنىڭدىن سىلەرگە نېمە پايدا؟) گۇناھكارلار (يەنى مۇشرىكلار) ئازابتىن قايسى نەرسىگە ئالدىرايدۇ؟[50]
ئايەت :
51
أَثُمَّ إِذَا مَا وَقَعَ ءَامَنتُم بِهِۦٓۚ ءَآلۡـَٰٔنَ وَقَدۡ كُنتُم بِهِۦ تَسۡتَعۡجِلُونَ
(ئاللاھنىڭ) ئازابى يۈز بەرگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلارمۇ؟ ئەمدى (ئېيتقان ئىمانىڭلار پايدىسىزدۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مەسخىرە قىلىش بىلەن) ئازابنىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلار»[51].
ئايەت :
52
ثُمَّ قِيلَ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ ذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡخُلۡدِ هَلۡ تُجۡزَوۡنَ إِلَّا بِمَا كُنتُمۡ تَكۡسِبُونَ
ئاندىن كېيىن (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا: «مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ» دېيىلىدۇ[52].
ئايەت :
53
۞ وَيَسۡتَنۢبِـُٔونَكَ أَحَقٌّ هُوَۖ قُلۡ إِي وَرَبِّيٓ إِنَّهُۥ لَحَقّٞۖ وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ
ئۇلار سەندىن: «ئۇ (يەنى ۋەدە قىلىنغان ئازاب، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن[53].