節 :
16
سَنَسِمُهُۥ عَلَى ٱلۡخُرۡطُومِ
ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز[16].
節 :
17
إِنَّا بَلَوۡنَٰهُمۡ كَمَا بَلَوۡنَآ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ إِذۡ أَقۡسَمُواْ لَيَصۡرِمُنَّهَا مُصۡبِحِينَ
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىگە ئوخشاش ۋەھىينى ئىنكار قىلغانلارنى) مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك (قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىش بىلەن) سىنىدۇق. ئۇلار (يەنى باغنىڭ ئىگىلىرى) ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى (كەمبەغەللەر ئۇقمىسۇن، ئۇلارغا ھېچ نەرسە بەرمەيلى دېيىشىپ) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى[17].
節 :
18
وَلَا يَسۡتَثۡنُونَ
ئۇلار خۇدا خالىسا دېمىگەن ئىدى[18].
節 :
19
فَطَافَ عَلَيۡهَا طَآئِفٞ مِّن رَّبِّكَ وَهُمۡ نَآئِمُونَ
ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى[19ـ20].
節 :
20
فَأَصۡبَحَتۡ كَٱلصَّرِيمِ
ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى[19ـ20].
節 :
21
فَتَنَادَوۡاْ مُصۡبِحِينَ
ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى[21ـ22].
節 :
22
أَنِ ٱغۡدُواْ عَلَىٰ حَرۡثِكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰرِمِينَ
ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى[21ـ22].
節 :
23
فَٱنطَلَقُواْ وَهُمۡ يَتَخَٰفَتُونَ
ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى[23 ـ 24].
節 :
24
أَن لَّا يَدۡخُلَنَّهَا ٱلۡيَوۡمَ عَلَيۡكُم مِّسۡكِينٞ
ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى[23 ـ 24].
節 :
25
وَغَدَوۡاْ عَلَىٰ حَرۡدٖ قَٰدِرِينَ
ئۇلار: «(مىسكىنلەرنى باغقا كىرىشتىن) توسىيالايمىز دېگەن ئوي بىلەن، ئەتىگەندە تۇرۇشتى[25].
節 :
26
فَلَمَّا رَأَوۡهَا قَالُوٓاْ إِنَّا لَضَآلُّونَ
ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى[26ـ27].
節 :
27
بَلۡ نَحۡنُ مَحۡرُومُونَ
ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى[26ـ27].
節 :
28
قَالَ أَوۡسَطُهُمۡ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ لَوۡلَا تُسَبِّحُونَ
ئۇلارنىڭ ياخشىسى (يەنى ئەڭ ئەقىللىقى): «سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟» دېدى[28].
節 :
29
قَالُواْ سُبۡحَٰنَ رَبِّنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز (مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى مەنئى قىلىش بىلەن) ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى[29].
節 :
30
فَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَلَٰوَمُونَ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ـ بىرگە قارىشىپ ئۆز ئارا مالامەت قىلىشتى[30].
節 :
31
قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا طَٰغِينَ
ئۇلار دېيىشتى: «ۋاي ھالىمىزغا! بىز ھەقىقەتەن ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق[31].
節 :
32
عَسَىٰ رَبُّنَآ أَن يُبۡدِلَنَا خَيۡرٗا مِّنۡهَآ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا رَٰغِبُونَ
ئۇمىدكى، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزدىن ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز»[32].
節 :
33
كَذَٰلِكَ ٱلۡعَذَابُۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر (يەنى قۇرەيشكىمۇ باغ ئىگىلىرىگە چۈشكەن ئازاب چۈشىدۇ). ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر[33].
節 :
34
إِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ عِندَ رَبِّهِمۡ جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ
. تەقۋادارلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[34].
節 :
35
أَفَنَجۡعَلُ ٱلۡمُسۡلِمِينَ كَٱلۡمُجۡرِمِينَ
بىز مۇسۇلمانلارنى كاپىرلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟[35]
節 :
36
مَا لَكُمۡ كَيۡفَ تَحۡكُمُونَ
سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر![36]
節 :
37
أَمۡ لَكُمۡ كِتَٰبٞ فِيهِ تَدۡرُسُونَ
ياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟[37ـ38]
節 :
38
إِنَّ لَكُمۡ فِيهِ لَمَا تَخَيَّرُونَ
ياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟[37ـ38]
節 :
39
أَمۡ لَكُمۡ أَيۡمَٰنٌ عَلَيۡنَا بَٰلِغَةٌ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ إِنَّ لَكُمۡ لَمَا تَحۡكُمُونَ
ياكى سىلەرنىڭ ھۆكۈم قىلغان نەرسەڭلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن بىز سىلەر بىلەن قىيامەت كۈنى ئاندىن ۋاقتى توشىدىغان مەھكەم بىر ئەھدى تۈزۈشكەنمۇ؟[39]
節 :
40
سَلۡهُمۡ أَيُّهُم بِذَٰلِكَ زَعِيمٌ
ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىسى يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟[40]
節 :
41
أَمۡ لَهُمۡ شُرَكَآءُ فَلۡيَأۡتُواْ بِشُرَكَآئِهِمۡ إِن كَانُواْ صَٰدِقِينَ
ياكى ئۇلارنىڭ (يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلىدىغان شېرىكلىرى) بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار (دەۋاسىدا) راستچىل بولسا، شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن[41].
節 :
42
يَوۡمَ يُكۡشَفُ عَن سَاقٖ وَيُدۡعَوۡنَ إِلَى ٱلسُّجُودِ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ
ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئىش قىيىنلىشىدۇ. ئۇلار (ئىمانىنى سىناش ئۈچۈن) سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ[42].