節 :
154
مَا لَكُمۡ كَيۡفَ تَحۡكُمُونَ
سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟[154]
節 :
155
أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
ئويلاپ باقمامسىلەر؟[155]
節 :
156
أَمۡ لَكُمۡ سُلۡطَٰنٞ مُّبِينٞ
ياكى (ئاللاھنىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟[156]
節 :
157
فَأۡتُواْ بِكِتَٰبِكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
(ئەگەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلار (يەنى تەۋرات) نى ئېلىپ كېلىپ (ماڭا كۆرسىتىڭلار)[157].
節 :
158
وَجَعَلُواْ بَيۡنَهُۥ وَبَيۡنَ ٱلۡجِنَّةِ نَسَبٗاۚ وَلَقَدۡ عَلِمَتِ ٱلۡجِنَّةُ إِنَّهُمۡ لَمُحۡضَرُونَ
ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا ـ باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ)[158].
節 :
159
سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر[159].
節 :
160
إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ
لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئاللاھنى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ)[160].
節 :
161
فَإِنَّكُمۡ وَمَا تَعۡبُدُونَ
(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ[161- 163].
節 :
162
مَآ أَنتُمۡ عَلَيۡهِ بِفَٰتِنِينَ
(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ[161- 163].
節 :
163
إِلَّا مَنۡ هُوَ صَالِ ٱلۡجَحِيمِ
(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ[161- 163].
節 :
164
وَمَا مِنَّآ إِلَّا لَهُۥ مَقَامٞ مَّعۡلُومٞ
(پەرىشتىلەر) ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار[164].
節 :
165
وَإِنَّا لَنَحۡنُ ٱلصَّآفُّونَ
بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز[165].
節 :
166
وَإِنَّا لَنَحۡنُ ٱلۡمُسَبِّحُونَ
بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھقا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز»[166].
節 :
167
وَإِن كَانُواْ لَيَقُولُونَ
ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ[167- 169].
節 :
168
لَوۡ أَنَّ عِندَنَا ذِكۡرٗا مِّنَ ٱلۡأَوَّلِينَ
ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ[167- 169].
節 :
169
لَكُنَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ
ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ[167- 169].
節 :
170
فَكَفَرُواْ بِهِۦۖ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ
ئۇلار ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ[170].
節 :
171
وَلَقَدۡ سَبَقَتۡ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا ٱلۡمُرۡسَلِينَ
بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان[171].
節 :
172
إِنَّهُمۡ لَهُمُ ٱلۡمَنصُورُونَ
ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر[172].
節 :
173
وَإِنَّ جُندَنَا لَهُمُ ٱلۡغَٰلِبُونَ
بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر[173].
節 :
174
فَتَوَلَّ عَنۡهُمۡ حَتَّىٰ حِينٖ
ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن[174].
節 :
175
وَأَبۡصِرۡهُمۡ فَسَوۡفَ يُبۡصِرُونَ
ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ[175].
節 :
176
أَفَبِعَذَابِنَا يَسۡتَعۡجِلُونَ
ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟[176].
節 :
177
فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمۡ فَسَآءَ صَبَاحُ ٱلۡمُنذَرِينَ
ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان![177].
節 :
178
وَتَوَلَّ عَنۡهُمۡ حَتَّىٰ حِينٖ
ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن[178].
節 :
179
وَأَبۡصِرۡ فَسَوۡفَ يُبۡصِرُونَ
ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ[179].
節 :
180
سُبۡحَٰنَ رَبِّكَ رَبِّ ٱلۡعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ
قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر[180].
節 :
181
وَسَلَٰمٌ عَلَى ٱلۡمُرۡسَلِينَ
پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن![181]
節 :
182
وَٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![182]